باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر مۇتلەق سادىق بولىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى قادىس جانابىل

2017.06.02 16:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەن پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن ۋە قوللايمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇلارنى ئويلىسام غەزىپىمنى باسالمايمەن! ھەر مىللەت قېرىنداشلار، بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئاسان قولغا كەلمىگەن، بىز چوقۇم دۈشمەننى ئېنىق تونۇپ، بىرلىكتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىنى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشۇرماسلىقىمىز كېرەك.

  دۆلىتىمىز قانۇن ئىدارە قىلىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. مەيلى قانداق ئادەم، قايسى مىللەت بولۇشىدىن، نېمە مەقسەتنى چىقىش قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق قىلمىش جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار ھازىرقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  پېنسىيەگە چىققان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە چوڭقۇر مىننەتدار بولۇش ھېسسىياتىمنى ساقلاپ كەلدىم. پارتىيە مەندەك بىر چارۋىچىنىڭ ئوغلىنى رەھبىرىي كادىر قىلىپ يېتىشتۈردى، پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈم بولمىغان بولاتتى؛ ۋەتىنىم ماڭا بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلدى، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىمدىكى ھەر بىر قەدەمدە بۇ تۇپراقتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلىپ باقمىدىم. مەن دائىم پەرزەنتلىرىمدىن مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىشنى، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا بولۇشنى، پارتىيەدىن، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدىم، مۇشۇنداق قىلغاندىلا مەسئۇلىيەتچانلىقىم ۋە كەسىپچانلىقىمنى ئۇرغۇتالايمەن. مەن ھاياتىمدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن ئەڭ نەپرەتلىنىمەن، ئۇلارنىڭ مەيدانى، پىرىنسىپى يوق، ئۇلار تەشكىلنى، ئاممىنى ئالدايدۇ، ئۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن قىلغىنى ئوخشىمايدۇ، بۇنداقلار «ئىككى كېمە»گە تەڭ دەسسەيدۇ، ئۇلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆپ يىللىق ئەجرىگە ساتقىنلىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويدى، ئۇلار مىللىي مۇناپىقلاردۇر، مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشى ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىشىنى قەتئىي قوللايمەن.

  ھازىر پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ بىر پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى قەلبىمدە يىلتىز تارتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ كۈندىلىك ئىش- ھەرىكىتىمدە ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى مەيلى ئىشلەۋاتقان ياكى پېنسىيەگە چىققان بولاي، ئۆزۈمنىڭ ھەر بىر سۆز- ھەرىكىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. شۇڭا مەن باشتىن- ئاخىر بايرىقىم روشەن ھالدا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن بارلىق خاتا خاھىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىمەن. ھازىر ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىم ئەمەلىيەتنى ئېنىق تونۇش، زوراۋان- تېررورچىلار ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇش، ئۇلار بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تىنچ ۋە گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار خۇددى زەھەرلىك ئۆسمىگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ۋىروسقا ئوخشاش يامراپ كېتىشىگە يول قويساق بولمايدۇ. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىزگە ئېھتىياجى چۈشكەن چاغدا ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، توغرا سۆز، توغرا ئىشلارنى قىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان ياخشى ئوبرازىمىزنى تىكلىشىمىز كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ھالقىلىق پەيتتە باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىشكە يېتەكلەيدىغان سانسىزلىغان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارغا موھتاج. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە بىز ھەر مىللەت ئامما بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا چوقۇم ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر