باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

2017.06.02 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 1-ئىيۇن «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

  «ئاق تاشلىق كىتاب» كىرىش سۆز، سىياسىي ھوقۇق، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇق، ئىجتىمائىي ھوقۇق، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى ۋە ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر ھوقۇقىدىن ئىبارەت توققۇز بۆلەكتىن تەركىب تاپقان.

  «ئاق تاشلىق كىتاب» تا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىنسانىي ھوقۇقنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى غايىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش نىشانى.«ئاق تاشلىق كىتاب» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو 1955-يىلى شىنجاڭدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگودا 1978-يىلى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

  «ئاق تاشلىق كىتاب» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات يولىغا يۈكسەلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر