باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2017.06.02 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تارباغاتاي ۋىلايىتى تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىش ساياھەت مەزگىلىدە ، ساياھەتچىلەرنى تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياخشى تائاملاردىن بەھرىمەن قىلىش ۋە ئۇلارنى ياخشى بولغان ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تەييارلىقنى ئالدىن پۇختا قىلدى.

  27-ماي سەھەردە، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئالتۇنيامۇل يېزىسى قىزىلبۇلاق كەنتىدىكى ساياھەت تاللا بازىرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى، ئۇزۇن ئۈستەل ئۈستىگە يەرلىك تۇخۇم، قېتىق، قۇرۇت، تاۋانان قاتارلىق يەرلىك نېمەتلەر تىزىلدى.

  بۇ يىل چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ 11-قېتىملىق «شىنجاڭ چاغانتوقاي تاغ گۈلى بايرىمى» ئۆتكۈزۈشى. يېزا ئىستىراھەت ساياھىتى، يېزا تۇرمۇش ساياھىتى، سەھرا مەنزىرىسى ساياھىتىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يەرنىڭ جەلپكارلىقى ئېشىپ، ئۆز ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان، پىيادە مېڭىپ ساياھەت قىلىدىغان ھەۋەسكارلار بارغانسىرى كۆپەيدى. ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ساياھەت لىنىيەسى بويىدىكى يېزا، كەنتلەردىكى دېھقان-چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  ئاجايىپ ئۆزگىچە يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى، گۈزەل ۋە سىرلىق بۇغا مۈڭگۈزى قولتۇقى، كىشىنى ھاياجانغان سالىدىغان مىڭبۇلاق كۆلى... يېقىندىن بۇيان ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ، ساۋەن ناھىيەسىدە ساۋەن مەدەنىيىتىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىياتىغا بولغان ئىلگىرى سۈرۈش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەر مەدىنىيىتى بىلەن چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدىنىيىتىنىڭ ئۆز ئارا يورۇتىدىغان، ئۆز ئارا بىرلىشىدىغان «چوڭ تەخسىلىق توخۇ قورۇمىسى» مەدىنىيىتى، «جىنباڭ قاشتېشى مەدىنىيىتى» قېزىلىپ، ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ساياھەت-ئىستىراھەت مەركىزىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى جەلپ قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر