بالىلار قەشقەر شەھىرىدىكى كونا كوچىلاردا «پوتا» ئويۇنى ئوينىماقتا. (20- ماي تارتىلغان)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆز ئالدىمىزدا يېشىل ئۈجمە دەرەخلىرى ۋە قىزىل گۈللەرنىڭ پۇراقلىرى ھەممە يەرنى قاپلىغان بىر گۈزەللىك نامايان بولماقتا. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى يىپەك يولىغا جايلاشقان مۇھىم شەھەر - شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى يەنە بىر قېتىم ئۇزاق بىر ياز پەسلىنى كۈتۈۋالغۇسى. ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ قەدىمىي كونا كوچىلىرى ئۆز ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى بىلەن، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى