باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزدە ئېلان ھەققى دېگەندەك چىقىملارنى باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش سىياسىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

2017.06.02 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- چېسلا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئېلان خىراجىتى ھەققى ۋە كەسپىي تەشۋىقات خىراجىتى دېگەندەك چىقىملارنى باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

  مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، گىرىم بۇيۇملىرى ياساش ياكى سېتىش كەسپى، دورىگەرلىك ساھەسى ۋە ئىچىملىك ياساش (ھاراق ياساش بۇنىڭ سىرتىدا) كارخانىلىرىدا خەجلىنىدىغان ئېلان ھەققى پۇلى ۋە چىقىم قىلىنىدىغان كەسپىي تەشۋىقات خىراجىتى دېگەندەك چىقىملارنىڭ شۇ يىللىق سېتىش (تىجارەت) كىرىمىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسمى تۇتۇپ قېلىنسا بولىدۇ. ئېشىپ كەتكەن قىسىمىنى كېيىنكى باج تاپشۇرۇش يىلىغا ئاغدۇرۇپ چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: تاماكا كارخانىلىرىنىڭ تاماكا ئېلان خىراجىتى ۋە كەسپىي تەشۋىقات خىراجىتى دېگەندەك چىقىملىرىنى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىپ ھېسابلاشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر