باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى خوتەنلىك 30 ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

2017.06.02 16:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى بۇزاق كەنتىدىن كەلگەن ئابدۇلقاھار ئابدۇلئەكرەم 5- ئاينىڭ 24- كۈنى «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ سىياسەتلەر مېنى سىرتقا چىقىش ۋە ياخشى كارخانىدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئىشلەپ، لاياقەتلىك ئىشچى بولىمەن» دېدى. ئابدۇلقاھارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان خوتەنلىك 30 كىشى شۇ كۈنى پويىزدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، رەسمىي ھالدا شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ يىڭى ئەزاسىغا ئايلاندى.

  شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ خۇا قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى دۆلەت كارخانىلىرىغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ دۆلەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاپشۇرغان يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى كەم- كوتسىز تاماملايدۇ.

  خوتەن ۋىلايىتىدىن تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملار شۇ كۈنى يەنە شىنجاڭ تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار ئاساسلىقى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسى، كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى، قانۇن- تۈزۈم تەربىيەسى ۋە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئىقتىدارى تەربىيەسى، شۇنداقلا ھەربىي مەشىق قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلىنىدۇ.

  ۋۇ خۇا مۇنداق دېدى: كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش- تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتنى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خادىملارنى ياخشى خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز، «قولنى قولغا تۇتۇشۇپ»، ئۇلارنىڭ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئېھتىياجىغا تېزدىن ماسلىشىپ، ئىناق- ئىتتىپاق بولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى»نىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلاردىن يەنە 100 نەچچىنى قوبۇل قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر