باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېۋىرغول رايونىنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغىگە ئېرىشتى

2016.10.08 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېۋىرغول رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن يېقىندا ئۇقۇشىمچە، ئېۋىرغول رايونىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 33 تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ 4 مىليون 370 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغىگە ئېرىشكەن. بۇ تۈرلەر ئاساسەن ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا، كەنتلەرنىڭ كىيىم – كېچەك، كەشتىچىلىك، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، يېزا، كەنتلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  قومۇل ‹‹ئۇزۇن سەپەر›› مېۋە، كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىلدا 400 توننا قارا ئۈجمە قېقى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى بۇ قېتىم تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتى. كوپىراتىپ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، زاۋۇت رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى قارا ئۈجمە ئۈزىدىغان مەزگىلدە شۇ جايدىكى 30 دەك ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئىشلىتىدىكەن، ئۇلارنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققى 100 – 120 يۈەنگىچە بولىدىكەن، يەنە 30دەك ئېشىنچا ئەمگەكچى قارا ئۈجمىنى پىششىقلاش ئىشىنى قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك كىرىم قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر