باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016- يىلى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى

2016.10.08 14:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 2016- يىلى شىنجاڭغا جەمئىي 14 مىليارد 430 مىليون يۈەن ياردەم قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە ئاجرىتىلغان پۇل 10 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ىنى ئىگىلىگەن.

  بۇ يىل شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى بىلەن ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىدە ئىش باشلىنىش نىسبىتى، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ياخشى بولدى.

  بۇ يىل شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى 1872 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان تۈر 1795، داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 77. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تۈرلىرىگە 670 مىليون يۈەن، مائارىپ تۈرلىرىگە 2 مىليارد 250 مىليون يۈەن، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، سەھىيە، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە قاتارلىق باشقا ئىجتىمائىي ئىشلار تۈرلىرىگە 6 مىليارد 550 مىليون يۈەن، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرلىرىگە 2 مىليارد 530 مىليون يۈەن، كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرلىرىگە 560 مىليون يۈەن، ئاساسىي قاتلام بازىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تۈرلىرىگە 1 مىليارد 340 مىليون يۈەن، ئالماشتۇرۇش، ئالاقە تۈرلىرىگە 240 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، 290 مىليون يۈەن مەبلەغ ئالدىن قالدۇرۇپ قويۇلدى.

  8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 12 مىليارد 440 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر