باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹13–بەش يىل››مەزگىلىدە ئېلىمىز ئون چوڭ ئورمانچىلىق پەن–تېخنىكىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويىدۇ

2016.10.08 14:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە ئېلىمىزدە ئون چوڭ ئورمانچىلىق پەن – تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق يولغا قويۇلۇپ، ئورمانچىلىق پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ئورمان ئۇرۇقچىلىقى پەن – تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى. دەل – دەرەخ ئۇرۇقى بايلىقىنى ساقلاش ۋە باھالاش، سورت يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى سورتلارنى ئەلالاشتۇرۇش تېزلىتىلىدۇ.

  ئورمانچىلىق ئېكولوگىيەسى قۇرۇلۇشىغا دائىر پەن – تېخنىكا قۇرۇلۇشى. تەبىئىي ئورماننى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىم سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئورمان بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېتىشتۈرۈش بىلەن سۈپىتىنى تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈش پەن – تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى. تېز ئۆسىدىغان ماتېرىيال ئورمىنى، ئورمانچىلىق ئۆزگىچە بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېتىشتۈرۈش، دۆلەت زاپاس ئورمىنى قۇرۇلۇشى، ئورمان سۈپىتىنى تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىپنى ئۆزگەرتىش پەن – تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى. ياغاچ غوللۇق تىكەنلىك بامبۇكتىن ئۈنۈملۈك پىششىقلاپ پايدىلىنىش، ئورمانچىلىق بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى ۋە ماتېرىيالىنى ئېچىش، ئورمان ساياھىتى ۋە ئىستراھەت – ساغلاملىق – كۈتۈنۈش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭدا ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  ئورمانچىلىق قوراللىرى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش پەن – تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى. ئورمانچىلىق قوراللىرى ۋە ئورمانچىلىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئورمانچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئورمانچىلىق پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى. پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى، پەن – تېخنىكا مۇلازىمىتى ھەرىكىتى قاتارلىقلار نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كېڭەيتىش سىستېما قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ.

  ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى. ئۆلچەمنى يولغا قويۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتى، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىقلار نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئورمانچىلىق ئۆلچەم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئورمانچىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى. ئورمان ئۆسۈملۈكلىرى يېڭى تۈرىنى قوغداش، ئورمان جانلىقلىرى ئىرسىيەت بايلىقىنى قوغداش قاتارلىقلار نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئورمانچىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ.

  ئورمانچىلىق پەن – تېخنىكا شارائىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشى. يېڭىلىق يارىتىش، ئايلاندۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك پەن – تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق كۈچەيتىلىپ، پەن – تېخنىكا ئاساسىي شارائىتى ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، ئورمانچىلىق پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  زامانىۋى ئورمانچىلىق تۈزەش سىستېمىسى تايانچ قۇرۇلۇشى. ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، نەزەرىيەسى، سىياسىتى، قانۇن – نىزاملىرى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى تەتقىقاتى كۈچەيتىلىپ، ئورمانچىلىقنى تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر