باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسى شىتاتىدا پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

2016.09.30 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناۋاتقان بىر پويىز 29- سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسى شىتاتىدىكى خوپكېن بېكىتىدە ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، بىر كىشى قازا قىلدى، يۈزدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.

  جۇڭگونىڭ نيۇيوركتىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 29- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12گىچە تەكشۈرۈلگەن ئەھۋاللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر نەپەر جۇڭگو پۇقراسى ۋەقەدە يارىلانغان، بۇ يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە داۋالىتىلغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھاياتىدا خەۋپ يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىنغان. باش كونسۇلخانا ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا كونسۇللۇق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، ھەمدە ئۇنىڭدىن ھال سورىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر