- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭ دېجياڭ فىرانسىيەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى
2016.09.30 14:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىرانسىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بارتونىي ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى لارشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 24-سېنتەبىردىن 27-سېنتەبىرگىچە فىرانسىيەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، پارىژدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى، زۇڭلىسى ۋاللىس، بارتونىي، لارشىلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
جاڭ دېجياڭ ھوللاندى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، تېخىمۇ قويۇق، ئۇزاققا سۇزۇلغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىگە كىردى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سىز 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتۇڭلار. ئىككى تەرەپ باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، بىر-بىرىنى چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلىبە قىلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
جاڭ دېجياڭ ۋاللىس بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: فىرانسىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى يادرولۇق دۆلەت. فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋاللىس مۇنداق دېدى: فىرانسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرماقتا، فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
جاڭ دېجياڭ بارتونىي ۋە لارشىي بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى-جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم گەۋدىلىنىشى ۋە ئورگانىك تەركىبى قىسمى. ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىشىدىغان قانۇن مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر