باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىلىق ئالتۇن ھەپتىلىكتە مەملىكەت بويىچە 593 مىليون ساياھەتچى كۈتىۋېلىندى

2016.10.08 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، دۆلەت بايرىمىلىق يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىشتا، ئېلىمىزدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ ھاۋا شارائىتى ياخشى، ساياھەت قىلىشقا مۇۋاپىق بولۇپ، ساياھەت بازارلىرى ئاۋاتلاشتى. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە 593 مىليون ساياھەتچى كۈتىۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشقان، ساياھەتتىن قىلىنغان كىرىم جەمئىي 482 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.4 ئاشقان.

  دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خەينەن قاتارلىق ئەنئەنىۋى دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزۇن لىنىيەلىك ساياھەت مەنزىللىرىنىڭ كۈتىۋالغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمى مۇقىم ئاشتى. خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ھاۋا شارائىتى ياخشى، ساياھەت قىلىشقا مۇۋاپىق بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش سانى ۋە ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىمى تېز ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، يىپەك يولى ساياھەت ئىقتىسادى تەرەققىياتى تېزلىشىپ، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ساياھەتچىلىك بازارلىرى جانلاندى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر