باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا ئاياللارنى قوغداش قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى

«شەرەپلىك ئۆلتۈرۈش»كە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2016.10.08 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان پارلامېنتى 6- ئۆكتەبىر «شەرەپلىك ئۆلتۈرۈش» شەكلىدە ئاياللارنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇن سىرتىدا ئەركىن يايراپ يۈرۈشىگە زەربە بېرىشتىكى بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر يوچۇقنى تۈزەتتى.

  «شەرەپلىك ئۆلتۈرۈش»تە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسا، نىكاھقا چات كېرىۋېلىشنى رەت قىلىش، باسقۇنچىلىققا ئۇچراش، ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىش، باشقىلار بىلەن زىناھ قىلىش، ياسىنىشى مودا بولۇش، قىلمىشى شاللاق بولۇش قاتارلىقلار ئىكەن. ئائىلىدىكى ئەرلەر بۇ خىل ئاياللارنى «ئەنئەنىۋىي ئەخلاق»قا ياكى «ئائىلە ئىستىلى»گە ھاقارەت قىلدى، دەپ قاراپ، «ئائىلە شەرىپىنى قوغداش» نامى بىلەن بۇ ئاياللارنى ئۆلتۈرگەن.

  ئىلگىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قاتىلنى كەچۈرسىلا، قاتىل قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالالايتتى. ئەمما بۇ قانۇن يوچۇقى ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى ئۈزۈلمەي كەلگەن ئىدى.

  بۇ يىل 3- ئايدا، بۇ يوچۇقنى تۈزىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، پاكىستان پارلامېنتىدا ماقۇللانمىغان ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشى ئارقىسىدا، بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ ئاينىڭ 6- كۈنى دۆلەت پارلامېنتى (تۆۋەن پالاتا) ۋە كېڭەش پارلامېنتى (يۇقىرى پالاتا)دا بىردەك ماقۇللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر