باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن زۇڭتۇڭى: ئامېرىكىنىڭ بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر ئاخىرقى قېتىمقىسى

2016.09.30 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتىرىيىت 28-سېنتەبىر فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى توختىتىشنى قارار قىلدىم دېگەن. ئىگىلىنىشىچە؛ دۇتىرىيىت ۋىيتنامدا زىيارەتتە بولغاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان خانويدىكى نەچچە يۈز فىلىپپىنلىق مۇھاجىرغا ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ 10-ئايدا ئۆتكۈزىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مەن سىلەرگە دېسەم فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىلانغا ئاساسەن، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن 4-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ. دۇتىرىيىت ئىلگىرى ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمىنى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر