باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى

2016.09.30 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، تەيۋەن، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى 28-سېنتەبىر كەچتە خەلق سارىيىدا بىرلىكتە دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك 2800دىن ئارتۇق مۇھاجىرلار ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى ۋەكىللەر بىلەن بىرگە جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، زىياپەتكە قاتناشقان بارلىق مېھمانلارنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن ۋە ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرۈمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. بىز ئادەمنى ئاساس قىلىش، مۇھاجىرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك مۇھاجىرلار خىزمىتى باش مەقسىتىدە ئاۋۋالقىدەكلا چىڭ تۇرۇپ، مۇھاجىرلارنىڭ قەلبىنى، ئەقىل پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر