باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.09.29 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 27- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەم دۇنياۋى خىرىسلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانى تۈزەش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، دۆلىتىمىز ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر