- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇدا «ماناس» داستانى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتى
2016.09.30 15:01 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جۇڭگودىكى بىردىن بىر قىرغىز ئاپتونوم ئاپتونوم ئوبلاستى بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت داستانىنىڭ بىرى بولغان «ماناس» بۇ يەردە دەۋرمۇ دەۋر ئېيتىلىپ كەلدى.
ماناس قىرغىزلارنىڭ رىۋايەتتىكى داڭلىق قەھرىمانى ۋە رەھبىرى. ئۇ كۈچ، جاسارەت ۋە ئەقىل پاراسەتنىڭ نامايەندىسى. داستاندا قەھرىمان ماناس ۋە ئۇنىڭ يەتتە ئەۋلادىنىڭ ئالدىنقىلار كېيىنكىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىرغىز خەلقىنى باشلاپ سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلار ۋە ھەر خىل ئەسەبىي كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەركىنلىك ۋە بەختنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھېكايىسى قىزغىن مەدھىيلەنگەن.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جۇماق كادىر مۇنداق دېدى: ھازىر قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھايات ماناسچىلار ئەۋلادىدىن 80 نەچچىسى بار. «ماناس» غا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قىزىلسۇ ھۆكۈمىتى بىرىنچىدىن، ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقالغان «ماناس»نى خەت شەكلىدە خاتىرىلەپ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇنى يەنە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە قاتارلىق بىر قانچە تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى؛ ئىككىنچىدىن، مەخسۇس «ماناس»نى قوغداش نىزامىنى تەسىس قىلىپ «ماناسچىلارنى» قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، تەربىيە كۇرسى ئېچىپ، داڭلىق «ماناسچىلارنى» شاگىرت تەربىيەلەشكە ئىلھاملاندۇردى؛ تۆتىنچىدىن، ماناس داستانى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر