خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زوڭتوڭى شىمون پېرېس 28- سېنتەبىر سەھەردە تېلاۋىفدىكى داۋالاش مەركىزىدە 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
داۋالاش مەركىزىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا پېرېسنىڭ ۋاپات بولغانلىق ئۇچۇرىنى ئىسپاتلىدى، ھەمدە پېرېس ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئۇچۇر توغرىلىق ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
پېرېس 1923- يىلى 8- ئايدا تۇغۇلغان، ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى، دېپلوماتىيە مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، زوڭلى ۋە زوڭتوڭ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى «قۇرۇماس دەرەخ» دەپ ئاتالغان. ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، 1994- يىلى پېرىس ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زوڭلىسى رابىن، پەلەستىننىڭ سابىق رەھبىرى ئارافات بىلەن بىرلىكتە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى