باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم تەكشۈرۈلدى

2016.09.30 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتا.

  ئابدۇرازاق سايىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:

  ئابدۇرازاق سايىم، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن، 1957- يىلى 9- ئايدا تۇغۇلغان، 1978- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن.

  2003- يىلى 3- ئايدىن 2003- يىلى 8- ئايغىچە، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نەشىرىيات باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى بولغان؛

  2003- يىلى 8- ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا، 2004- يىلى 9- ئايدىن 2005- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان). (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر