باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى پىكىر ئېلان قىلدى

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك

2016.09.30 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى يېقىندا بىرلىشىپ «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، خەلق مائارىپى سىستېمىسىنىڭ ئاساسى، زىممىسىگە ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەنگەن. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئاساسىي ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائارىپنى خەلق رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيەنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ، سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسى، تەشكىلى، ئىستىلى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى قارار قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ يولغا قويۇشقا قاتنىشىپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئەخلاق-تەربىيە ۋە ئىدىيە-سىياسەت خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، مەكتەپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر