باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى(2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە)» ئېلان قىلىندى

2016.09.30 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى(2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە)» 29-سېنتەبىر ئېلان قىلىندى. ھەرىكەت پىلانى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش، قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرى بېكىتىلدى.

  ھەرىكەت پىلانى مۇقەددىمە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى، پۇقرالىق ھوقۇق ۋە سىياسىي ھوقۇق، ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق تەربىيەسى ۋە تەتقىقاتى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ئادا قىلىش ۋە خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىق، يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن.

  ھەرىكەت پىلانىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2009-يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن ئىككى قارار كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى يەنىمۇ ئۆسۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پۇقرالىق ھوقۇق بىلەن سىياسىي ھوقۇق ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

  ھەرىكەت پىلانىدا مۇنداق دېيىلدى: 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ۋاقىت، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ سىجىل، مۇقىم، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزگىلى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر