باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.09.30 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-سېنىتەبىر خەلق سارىيىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان دوستلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-بېلارۇسىيە بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان دوستانە ۋە ئۆزئارا سەمىمىي ياردەم بېرىدىغان ياخشى ھەمراھ. ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن ھالقىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا قاراپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو بېلارۇسىيە بىلەن بىللە جۇڭگو-بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلىنىشىنى قوغداپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئېلىپ كەلگەن تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر