خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 28-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن «خەلق سارىيى»دا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش ليۇ خۇاچىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، ئەجدادلار ئىزىدىن مېڭىپ ئەۋلادلارغا يول كۆرسىتىش داۋامىدا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىز جەزمەن شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلىشىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ مۇساپىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ دەۋرگە، خەلققە، ئەجدادلارغا يۈز كەلگۈدەك نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك. مانا بۇ پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا خاتىرىلەشتۇر.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە يولداش ليۇ خۇاچىڭنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش ليۇ خۇاچىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيە، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ بىر قاتار مۇھىم قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. يولداش ليۇ خۇاچىڭنىڭ ھاياتى شەرەپلىك ھايات، كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ھايات. ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى پارتىيە ۋە خەلق مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى