خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى) ھازىرغا قەدەر قەشقەر شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىغا 7300 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5339ى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەنلەر.
بۇ يىل 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۈجۇم قىلىشتىكى ھالقىلىق يىل. بۇ يىل قەشقەر شەھرى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى مۇھىم ئىش قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، بۇ يىل ئىچىدە 15 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى