باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈيچاڭدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈشتە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى يامغۇرغا قارىماي ئاپەتتىن قۇتقۇزماقتا

يەنە 26 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى يوق

2016.09.30 15:51   مەنبە: خەلق تورى

سۈيچاڭدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈشتە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى يامغۇرغا قارىماي ئاپەتتىن قۇتقۇزماقتا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- سېنتەبىر، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن نەقمەيداندا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرماقتا.

  تەيفېڭ بورىنى تەسىرىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى سۈيچاڭ ناھىيەسى بېيجيې بازىرىدا 28- كۈنى كەچتە تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى كۆمۈلۈپ چۈشتى. جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 29- سېنتەبىر سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، ئاپەت نۇقتىسىدا 15 نەپەر ئامما خەتەردىن قۇتۇلغان، بىر نەپەر قازا قىلغۇچى كولاپ چىقىلغان، يەنە 26 نەپەر كىشىنىڭ ئىز دېرىكى يوق، بۇنىڭ ئىچىدە 25 نەپەر ئامما ۋە ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئاممىنى يۆتكەۋاتقان بازارلىق بىر نەپەر كادىر بار ئىكەن. نۆۋەتتە، جېجياڭ ئۆلكىسى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى يۆتكەپ، نەقمەيداندا ئاپەتتىن قۇتقۇزماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قىرغىزىستاندا ئالاھىدە زور تورت ياسىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى
    ·ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا «ئىككى ئىمتىھان بىرلەشتۈرۈلۈپ»، «نومۇرغى…
    ·«خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى»گە ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ  
    ·قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ كەلگۈسىگە ماسلىشالايدۇ؟
    ·پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەردا «ئويۇن ئويناش» كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·شىزاڭ 16 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈردى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مائارىپقا پايدىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى يەنىمۇ مۇكەممەلل…