- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ پېرېسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭىغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى
2016.09.29 15:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق رەھبىرى پېرېسنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى رىۋلىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن پېرېسنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم پېرېسنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئىسرائىلىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېرېس ئەپەندى ئىسرائىلىيەنىڭ نوپۇزلۇق سىياسىئونى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقاردى، ئۇ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئۇ ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا، ئېلىمىزگە كۆپ قېتىم زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. پېرېس ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى جۇڭگو خەلقىنى بىر قەدىناس دوستىدىن ئايرىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر