باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى دەم ئېلىشى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا

2016.09.30 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى دەم ئېلىشى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەتكە چىقىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويدى. جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى 28-سېنتەبىر ئىستېمالچىلارنى ئەرزان ساياھەت قىلتىقىدىن ئاگاھ بولۇشنى ئەسكەرتتى.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يېقىندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىسمەن ساياھەت لىنىيەسىدە يەنىلا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، مەجبۇرى ئىستېمال قىلغۇزۇش، مال سېتىۋېلىشقا يېتەكلەش، ساياھەت لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش، مەنزىرىگاھلارنى قىسقارتىش قاتارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت. جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنى ئەرزان ساياھەت قىلتىقىدىن ھوشيار تۇرۇشنى، ئەرزان ساياھەتنىڭ ئارقىسىدا مەجبۇرى يۇقىرى سوممىلىق ئىستېمالنىڭ بارلىقىنى، ساياھەت ئۇششاق ئېلانلىرىدىن ھوشيار تۇرۇپ، كوچا، مەھەللە، ئىجتىمائىي توپ، دوستلار چەمبىرىكىدىكى ساياھەت ئۇششاق ئېلانلىرىغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنى ئۆمەكلەرگە قاتنىشىپ ساياھەتكە چىققاندا، مۇنتىزىم، ئىناۋىتى بىر قەدەر يۇقىرى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى تاللىشىنى، رەسمىي توختام ئىمزالاشنى ئەسكەرتتى.

  ئىستېمالچىلار ساياھەت داۋامىدا، ئەگەر قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا،بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى يېغىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەرز قىلىشى، پاش قىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى ياكى تاراتقۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك. چەتئەللەردە ساياھەت قىلغۇچىلار چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا قاتارلىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر