باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارغا بانكا كارتىسى تارقىتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ياردەم بېرىشكە باشلىدى

2016.09.29 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 26- سېنتەبىر، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار لاگېردا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئىنسانپەرۋەتلىك ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن،تۈركىيەدىكى تەخمىنەن 1 مىليون مۇساپىرغا بانكا كارتىسى تارقاتماقچى بولدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئايان بولۇشىچە، تۈركىيەدىكى مۇساپىرلارغا تارقاتماقچى بولغان بانكا كارتىسى ئۈچۈن تەخمىنەن 348 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىنىدىكەن. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيەدىكى كىيىم كېچەك، يېمەك ئىچمەك، تۇرالغۇدىن ئىبارەت كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەر ئايدا بانكا كارتىسىغا قەرەللىك پۇل قاچىلايدىكەن. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ پىلان ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، تۈركىيەدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يۆتكىلىدىغان مۇساپىرلار دولقۇنىنى يەنىمۇ كونترول قىلماقچى بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر