خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 29-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا «خۇ جىنتاۋ ماقالىلىرىدىن تاللانما»نى ئۆگىنىش دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: نۆۋەتتە «خۇ جىنتاۋ ماقالىلىرىدىن تاللانما»نى ئۆگىنىشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيە-سىياسىي قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نەزەرىيە ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەشتە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىگە بولغان چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋاملىق يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى