خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى تەۋەللۇتىنىڭ 180 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2016- يىلى 29- سېنتەبىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئابدوروپ پولات تەكلىماكانىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەتراپتىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى يىغىنغا قاتناشتى، ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئەدىب موللا مۇسا بىننى ئەيسا سايرامى مىلادىيە 1826- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى باي ناھىيەسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئاناقىر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1864- يىلىدىن 1877- يىلىغىچە دىيارىمىزدا يۈزبەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەرنى مۇسا سايرامى ئۆزى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن، ھەمدە ئۇزۇن يىل ماتېرىيال توپلىغان. كېيىن ئاقسۇدا قېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە 40 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى يېزىقچىلىققا بېغىشلاپ، بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئەدبىي ئەسەرلەرنى يازغان. بۇلاردىن مەشھۇرراق بولغانلىرى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»، «دەربايان ئەسھابۇل كەھف»، «تارىخي ئەمىنىيە»، «دىۋان مەسنەۋى»، «تارىخىي ھەمىدى»، «سالامنامە» قاتارلىقلاردۇر.
1917- يىلى 4- ئايدا، تارىخشۇناس مۇسا سايرامى 81 يېشىدا ۋاپات بولغان ۋە ئانا يۇرتى ئاناقىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى