باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى»گە ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەقىل كۆرسىتىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ

2016.09.20 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك روھى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئىزدىنىشلىرىگە ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئېلىش ۋە قايتا-قايتا مەسلىھەتلىشىپ ئۆزگەرتىش ئاساسىدا، «خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشنى باشلىدى، پىكىر بېرىش ۋاقتى 2016- يىلى 9- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە بولىدۇ، ئېلخەت ساندۇقى: shide@moe.edu.cn

  خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى

  (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)

  مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، مائارىپ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئىلىم ئۆگىتىپ ئادەم تەربىيەلەش ۋەزىپەمنى ئادا قىلىمەن؛ ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەپ، غايە-ئېتىقادلىق، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، بىلىمى پۇختا ۋە مېھرىبان كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن، ھەمدە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

  قەسەم بەرگۈچى:

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر