- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى
2016.09.27 16:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەزەربەيجان 26-سېنتەبىر ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى. ئەزەربەيجان ئالى سوت مەھكىمىسى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئەليىفنىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش لايىھەسىنى ماقۇللىغان. ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ھازىرقى بەش يىلدىن يەتتە يىلغا ئۇزارتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنى 1995-يىلى ئېلان قىلىنغان، 2009-يىلى ئەزەربەيجان ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئاساسى قانۇن تۈزىتىلمە لايىھەسىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭنىڭ ئەڭ كۆپ بولغان ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر