- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە ئېغىر تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق قېچىپ يۈرگەن 10 جىنايەتچىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى
2016.09.27 17:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى 27-سېنتەبىر A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئالاھىدە ئېغىر تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق قېچىپ يۈرگەن 10 جىنايەتچىنى ئاشكارا تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
قېچىپ يۈرگەن بۇ 10 جىنايەتچى: دېڭ چېنچۈەن، شيې جيەنخەي، شيې جىئەن، دېڭ چۈنپىڭ، چېن فۇجىن، لياۋ نەيجيەن، يۆ يۇڭفۇ، ۋاڭ جىخۇي، چېن خۇڭ، خۇاڭ يېشيۇڭلاردىن ئىبارەت.
ج خ مىنىستىرلىقى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە ئاممىنىڭ ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېچىپ تاشلىشى ۋە پاش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئالاقىدار ئەھۋاللارنى بايقىغانلار 110 غا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر