باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ئىسلاھاتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىلدى

2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاش تەلەپ قىلىندى

2016.09.27 17:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ئىسلاھاتىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىندى. 26-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان «ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى(2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە)»دە، «ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول باشقۇرۇش نىزامى»غا چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ھەققى ئۆلچىمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىن تاماملاش تەلەپ قىلىندى.

  ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ئىسلاھاتى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 21-كۈنى «ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول باشقۇرۇش نىزامى(تۈزىتىشكە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىپ، 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە پىكىرگە ئىنكاس قايتۇردى.

  پىكىر ئېلىشنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى، تاشقى ساھەدىكىلەر «ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى قىياس قىلىشتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات ۋاقىت جەدۋىلى ئاخىرى بېكىتىلدى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەستىقلاپ تارقاتقان دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى(2016-يىلدىن 2018-يىلغىچە)»دە، «ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول باشقۇرۇش نىزامى»غا چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ھەققى ئۆلچىمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە «قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇپ، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاش»نى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر