باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى

جۇڭگو 30 نەچچە دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

2016.09.27 17:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 26-سېنتەبىر شىئەندە ئۆتكۈزۈلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشتەك جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئىپادىلەپ، ھازىرغىچە 30 نەچچە دۆلەت جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، بەزى تۈرلەردە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق بار. بۇ ھەمكارلىقلار لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچىيىپ، كارخانا ۋە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو يەنە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، سەھىيە، پەن-تېخنىكا جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر