باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايەتچىنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى ئېلان قىلىپ، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇردى

2016.09.27 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ئۆلچەملىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا «جىنايەتچىنىڭ تۇرمۇش ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى» تارقىتىپ، جىنايەتچىنىڭ تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقالماسلىق سەۋەبلىك جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە قېلىپلاشقان ھۆكۈم ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

  «ئۆلچەم»دە جىنايەتچىنىڭ كېسەل، مېيىپ، ياشانغان، تېنى ئاجىز قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بەدەن ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقالماسلىق ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك پەرقلەندۈرۈلۈپ، غىزالىنىش، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش، كىيىم كىيىش، يۇيۇنۇش، ھەرىكەت قىلىش(ئۆرۈلۈش ۋە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش) قاتارلىق تۆت جەھەتتىن جىنايەتچىنىڭ تۇرمۇش ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە ھازىرقى خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى(WHO)ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى «خەلقئارا ئىقتىدارنى تۈرگە ئايرىش»تىكى ئالاقىدار «ئۆز ھاجىتىدىن چېقىش» ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن ئورگانىك ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆلچەمنى چۈشىنىش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى توختىماي ئۆستۈرۈپ، جىنايى جازانىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر