باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ كانادادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى

2016.09.26 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاينىڭ ۋاقتى 23-سېنتەبىر كەچتە، كانادانىڭ مونترىيال شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان زۇڭلى لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى چېڭ خوڭ كانادادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئوتتاۋا، تورونتو، ۋانكوۋىر، كالگارىي، مونترىيالدىن كەلگەن ھەر ساھە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 800دىن ئارتۇق كىشى ھەمدە كانادا ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

  كانادادا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار جەمئىي 1 مىليون 500مىڭدىن ئاشىدۇ، جۇڭگولۇقلار كانادادىكى بىرىنچى چوڭ ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ تىلى كانادادىكى ئۈچىنچى چوڭ تىل بولۇپ قالدى. قېرىنداشلار داقا دۇمباقلارنى چېلىپ، شىر ئۇسۇلى ئويناپ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلى بىلەن لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى كۈتۈۋالدى، زۇڭلى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە لى كېچياڭ سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەيدانغا كېلىپلا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي شىر ئۇسۇلى ۋە قىزىل پانۇسلىرىنى كۆرۈپ، خۇددى يۇرتۇمغا قايتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم، ئۇزاقتىن بېرى كانادادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىش، ئەقىل پاراسەتلىك بولۇش، قەيسەر بولۇش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جاپالىق ئىگىلىك يارىتىپ، ھەم ئۆز كەسپىدە نەتىجە ياراتتى، ھەم كانادانىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشتى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو كانادا دوستلۇقى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى.

  لى كېچياڭ مەيداندىكى ئەربابلارغا جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تونۇشتۇردى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بارلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق مۇھاجىرلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋە ئىختىساسلىق خادىملارنى جەلپ قىلىپ، ئەقىل كىرگۈزۈش سەھنىسىنى ھازىرلاپ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر