خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 25- سىنتەبېر، قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە كۆرگەزمە قىلىنغان چوڭ تورت.
بىشكەكتىكى تورت ئۇستىلىرى شۇ كۈنى ئاممىغا ئۆزلىرى ياسىغان چوڭ تورتنى نامايان قىلدى ھەمدە ساتتى. بۇ تورتنىڭ ئېغىرلىقى 1.5 توننا، كۆلىمى 100 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تورتنى ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى ساخاۋەت مەبلىغى قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى