باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ماگناتى تۋىتتىر سېتىلماقچى

2016.09.27 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن تاراتقۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ماگناتى تۋىتتىر سېتىلماقچى بولغان، ھازىر سېتىۋالغۇچى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا بەلكىم بۇ يىل ئىچىدە سودا پۈتۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رېيتىر ئاگېنتلىقى قاتارلىق نۇرغۇن تاراتقۇ 23- سېنتەبىر، تۋىتتىرنىڭ نۇرغۇن شىركەت بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، باشقا شىركەتلەرنىڭ تۋىتتىرنى سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

  تۋىتتىرنىڭ سېتىلماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى پاراڭنىڭ پەيدا بولغىنىغا خېلى بولۇپ قالغان ئىدى. CNBC نىڭ بىر قىسىم خەۋەردار زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، تۋىتتىر مۇدىرىيىتى بۇ قېتىم راستلا تۋىتتىرنى ساتماقچى، ھازىر بۇ پىلاننى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، سودا ئەڭ تېز بولغاندىمۇ بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈشى مۇمكىن، دەپ خەۋەر قىلدى.

  تۋىتتىر گەرچە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇندىن بېرى ئىزچىل پۇل تاپالماي كەلگەن، ئەكسىچە ئابونتلار سانىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش، ئېلان خېرىدارلىرىنى كەتكۈزۈپ قويۇش ۋە كەسىپلىرى رىقابەتچىلىرىنىڭ ئارقىسىدا قېلىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

  تۋىتتىرنىڭ 2013-يىلى 11-ئايدا پېيى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بىر ئايدىن كېيىن، تۋىتتىرنىڭ پاي باھاسى بازارغا چىققان مەزگىلدىكى 26 دوللاردىن 74 دوللارغا ئۆرلىگەن، بىراق ئۇنىڭدىن كېيىن باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلەپ، يۇقىرى مەزگىلدىكىنىڭ تۆتتىن بىرىگە چۈشۈپ قالغان.

  رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى پەسلىدە تۋىتتىرنىڭ تىجارەت نەتىجىسى ۋال كوچىسىنىڭ مۆلچەرىگە يېتەلمىگەن، ئۇدا 11 پەسىل ساپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان. ئىككىنچى پەسىل ئاخىرلاشقاندا، تۋىتتىر پېيىنىڭ بازارغا سېلىنغاندىن بۇيانقى زىيىنى 2 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېقىنلاشقان.

  تۋىتتىرنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تۋىتتىرنىڭ ھەر ئايلىق ئاكتىپ ئابونتلىرى 313 مىليون كىشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %3 ئاشقان، بىراق تۋىتتىرنىڭ رىقابەتچىسى فەيسبۇك يېتىشىۋېلىپ، ئابونتلار سانى تۋىتتىردىن جىقلا ئېشىپ كەتكەن ھەمدە بارغانچە كۆپ ئېلان سودىگەرلىرىنى ئېلىپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر