باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ كۇبادا جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇردى

2016.09.27 17:41   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ كۇبادا جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 25-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا، جۇڭگو ئېكسپورت قىلغان «يۈتۇڭ» يولۇچىلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگو جابدۇقىنىڭ «دۇنياغا يۈزلىنىش» ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

  جېنجۇ «يۈتۇڭ» يولۇچىلار ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كېرىپ رايونلىرىغا بىر قەدەر بالدۇر كىرگەن جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ بىرى. 2005-يىلى چوڭ كۆلەمدە كۇبا بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان، «يۈتۇڭ» يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ كۇبا يولۇچىلار ئاپتوموبىل بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن ئاشتى، كۇبادىكى ھەممىگە تونۇشلۇق جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى. لى كېچياڭ كارخانىنىڭ كۇبادىكى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە مۇلازىمەت يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىدى. كارخانا مەسئۇلى مۇنداق دېدى: 11 يىلدىن بۇيان، «يۈتۇڭ» يولۇچىلار ئاپتوموبىلى كۇباغا 5000دىن ئارتۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئېكسپورت قىلىپ، بارلىق زاپچاسلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كارخانىلىرى ياكى شېرىكلەشكەن كارخانىلاردا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «يۈتۇڭ» يەنە كۇبادىكى بىر ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شۇ جايدا 1600دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە جۇڭگو ماركىسى، جۇڭگو تېخنىكىسى قوللىنىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قىرغىزىستاندا ئالاھىدە زور تورت ياسىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى
    ·ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا «ئىككى ئىمتىھان بىرلەشتۈرۈلۈپ»، «نومۇرغى…
    ·«خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى»گە ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ  
    ·قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ كەلگۈسىگە ماسلىشالايدۇ؟
    ·پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەردا «ئويۇن ئويناش» كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·شىزاڭ 16 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈردى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مائارىپقا پايدىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى يەنىمۇ مۇكەممەلل…