باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسلام پارتىيەسى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىنى ئىمزالاپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئۈمىد ئىلىپ كەلدى

2016.09.27 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا بالدۇرراق خاتىمە بېرىپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئافغانىستان خەلقى تەشنا بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىش بولماستىن، شۇنداقلا خەلقئارانىڭمۇ ئۈمىدى، يېقىندا ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇھلارنىڭ بىرى بولغان ئىسلام پارتىيەسى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىنى ئىمزالاپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئۈمىد ئىلىپ كەلدى.

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جاپالىق سۆھبەت ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئافغانىستان يۇقىرى دەرىجىلىك تىنچلىق كومىتېتى بىلەن ئافغانىستاندىكى 3- چوڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق پارتىيە بولغان ئىسلام پارتىيەسى 22- سېنتەبىر پايتەخت كابۇلدا تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىنى ھاسىل قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى. بۇ 2001- يىلى تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن بۇيان، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك قوراللىق تەشكىلات بىلەن ھاسىل قىلغان تۇنجى تىنچلىق كېلىشىم لايىھەسى بولۇپ، زۇڭتۇڭ غەنى بىلەن ئىسلام پارتىيەسى رەھبىرى ھېكمەتيار ئەڭ ئاخىر قول قويغاندىن كىيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئىسلام پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كىرىم مۇنداق دېدى: بۇ ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئافغانىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تىنچلىق مۇساپىسىنى باشلايدۇ. كىرىم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرال تاشلاپ، ئۇرۇش قىلىشنى توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بىراق، كىرىم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: ئىسلام پارتىيەسى كۈرەشنى تاكى ئافغانىستاندىكى بارلىق چەتئەل ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتمىگىچە توختاتمايدۇ. ئافغانىستان يۇقىرى دەرىجىلىك تىنچلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىلانى مۇنداق دېدى: ئۇرۇشنىڭ بىردىن بىر نەتىجىسى ۋەيران قىلىشىدىن ئىبارەت. شۇڭا، مەن بارلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ تىنچ، يارىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىگە يېتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

  ئىسلام پارتىيەسى ئافغانىستاندا تالىبان، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ قوراللىق تەشكىلات بولۇپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيەسى بىلەن ئىزچىل تۈردە ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن. ھېكمەتيار بۇ پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولۇپ، كېيىن پارتىزانلارنى باشلاپ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، بىر مەزگىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ئافغانىستاننىڭ زۇڭلىسى بولغان. نۆۋەتتە، ئۇ ئامېرىكا تەرەپتىن يەر شارى تېررورچىسى دەپ بېكىتىلدى. ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئىسلام پارتىيەسىنىڭ بارلىق ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىش، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىش، تېررورچى تەشكىلات بىلەن بولغان چەك چېگراسىنى ئايرىش ھەمدە ئافغانىستان ئاساسى قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ پارتىيە ھەرىكىتى جانلانغان سىياسىي پارتىيە گۇرۇھ بولۇش سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى سايلامغا قاتنىشىدىكەن، ھېكمەتيار مەسلىھەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش توغرىسىدىكى مۇزاكىرەسىگە قاتنىشىدىكەن.

  بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدىكەن، ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈرمىدىكى خادىملىرىنى قويۇپ بېرىدىكەن، پاكىستاندىن كەلگەن تەخمىنەن 20 مىڭ مۇساپىرنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ھىكمەتيارنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى يەنە ھېكمەتيار قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھىكمەتيارنىڭ يەر شارى تېررورچىسى دېگەن سالاھىيىتىنى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغان ئەمەلدىن قالدۇرالمايدىكەن، بىراق ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

  ئافغانىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىنىڭ ئىمزالانغانلىقىغا ئوخشاش بولمىغان ئىنكاستا بولدى. بىر قىسىم سىياسىي تەھلىلچىلەر، ئىسلام پارتىيەسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە قاتنىشىشى ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرەلمىسىمۇ، پەقەت باشقا قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆرنەك قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ دەپ ھېسابلىدى. بىراق پۇقرالار، بۇ تەدبىر قولى قانغا بويالغان قوراللىق ئۇنسۇرلار ۋە چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارغا پاناھلىق بېرىدۇ ، ئۇلار ئىسلام پارتىيەسى رەھبىرى ھىكمەتيارنىڭ ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ ، قانداق رول ئوينايدىغانلىقى، تىنچلىق مۇساپىسىگە تۈرتكە بولالايدىغان بولمايدىغانلىقىغا گۇمانى پوزىتسىيەدە بولغان. شۇ كۈنى تىنچلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغان نەق مەيداندا، ئافغانىستان زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاتمار مۇنداق دېدى: ئىسلام پارتىيەسى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئۈمىدنى ئىپادىلىدى. بۈگۈن مەنمۇ تالىبانغا شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ بالدۇرراق قارار چىقىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىر تىنچلىقنى تاللاشنىڭ پەيتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر