باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو_ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، باي ناھىيەسى ئىمزالىغان توختامدىكى پۈتۈشۈش سوممىسى 18 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى

2016.09.27 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى) 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو_ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ۋە نۇقتىلىق تۈرلەر بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى باي ناھىيەسى كان بايلىقلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە كەسىپ باغچە رايونىغا مەبلەغ سېلىش ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈرى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرى، غەربىي رايون ئۇل ئەسلىھە سودا مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىش تۈرى ۋە PPP مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق تۈرى قاتارلىق تۆت تۈردە مۇۋەپپەقىيەتلىك توختام ئىمزالىدى.

  باي ناھىيەسى ئىمزالىغان بۇ تۈرلەرنىڭ پۈتۈشۈش ئومۇمىي سوممىسى 18 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ئىمزالىغان توختام ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 53.81% تىنى ئىگىلىدى.

  باي ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ شياۋپېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باي ناھىيەسى مول بايلىققا ئىگە چوڭ ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق PPP ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش مەبلىغى ھەل قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چېگرا سودىسى ھەمكارلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر