باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ چەتئەلگە يۈزلەندى

2016.09.27 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىدىكى ئاساسى نۇقتىغا ئايلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، نۇرغۇن زاكازلارغا ئىگە بولدى. شىنجاڭ جىكاڭ ھەسەلچىلىك پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تاڭ لىمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ كۈنەس ناھىيەسىدىن ئىلغار سۈپەتلىك ھەسەل چىقىدۇ. ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان پەقەت شىنجاڭ بازىرىدىلا سېتىلغان، گەرچە بازىرى ئىتتىك، بازارنىڭ سېتىش يولى كەڭ بولمىسىمۇ، بۇ قېتىم جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە كىرگەندە مەملىكەت ئىچىدىكى خېرىدارلارلا ھەسەل مەھسۇلاتلىرىمىزنى ياقتۇرۇپلا قالماستىن، ئامېرىكا، كانادا، كورېيەنىڭ سودىگەرلىرىمۇ كېلىپ سۆھبەتلەشتى. شىنجاڭ جېڭشېڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى ئېچىش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك شىركىتى چەتئەلگە سېتىشنى ئاساس قىلغان كارخانا بولۇپ، مەزكۇر كارخانىنىڭ كۈتۈنۈش مەھسۇلاتلىرى يېڭى زېلاندىيە، كورېيە، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ. خوتەن دىچېڭ تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك بىيولوگىيەلىك پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فۇ شېنشېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى روشەن، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونلۇق ئورنى بىر تۈركۈم كارخانىلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ غەربكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساتقۇزدى. كارخانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا، ھۆكۈمەت ياردەمدە بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە مەدەت بېرىپ كارخانىلارنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىش قەدىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، كارخانىلارنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىش بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭەيدى. 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى كارخانىلار ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى ئۈنۈملۈك سەھنە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلارنى بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەسىنى بويلاپ تەڭ نەپ ئېلىش يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر