باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ ئېلىمىزدە كالبىرى 500 مېتىرلىق شار سىرتى سفېرا رادىئو تېلېسكوپنىڭ ياسىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2016.09.26 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى كالبىرى 500 مېتىرلىق شار سىرتى سفېرا رادىئو تېلېسكوپى ياسىلىپ 25-سېنتەبىردىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، شار سىرتى سفېرا رادىئو تېلېسكوپنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە قۇرۇشقا قاتناشقان پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى ۋە قۇرۇلۇش خادىملىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسترونومىيە دەسلەپكى مۇھىم ئىجادىي بايقاشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن، شۇندقلا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى پەللە. كالبىرى 500 مېتىرلىق شار سىرتى سفېرا رادىئو تېلېسكوپ «دۆلەتنىڭ ساما كۆزى» دەپ ئاتالدى، ئۇ، ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە كالبىرلىق، ئەڭ سەزگۈر رادىئو تېلېسكوپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ياسىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقى ئېلىمىزنىڭ ئىلىم-پەن ئىجادىيىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر