باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «قەھرىمانلىق ئېپوسى، ئۆچمەس ئابىدە» ناملىق كۆرگەزمىنى كۆردى

2016.09.26 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپىرىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىغا 80 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جۇڭگو خەلق ئىنقىلاب ھەربىي مۇزېيىغا بېرىپ، «قەھرىمانلىق ئېپوسى، ئۆچمەس ئابىدە» ناملىق جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسىنى كۆردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 80 يىل بۇرۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مىسلىسىز قىيىنچىلىق، مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، دۇنياغا داڭقى كەتكەن 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملىغان. بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەت-جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىي سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغان. قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ غەلىبىسى-ئىنقىلاب غايىسىنىڭ ئۇلۇغۋار روھىي كۈچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن. ھازىر دەۋر، شارائىت ئۆزگەردى، ئەمما بىز كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش غايىمىز ۋە ئىشلىرىمىز ئۆزگەرمىدى. بىز قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچ، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ھەممىمىز بىر نىيەتكە كېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كۆرگەزمىنى كۆردى.

  كۆرگەزمىدە ۋاقىت تەرتىپى بويىچە، مۇھىم ئۇرۇشلار، مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەر ۋە مۇھىم شەخسلەر ئاساس قىلىنىپ، «زۈنيى يىغىنى»، «لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش»، «قارلىق تاغ، يايلاقتىن ئۆتۈش» قاتارلىق چوڭ تېمىلارنىڭ مەنزىرىسى ئەستايىدىل لايىھەلەنگەن، 275 پارچە سۈرەت، 252 پارچە مەدەنىي يادىكارلىق ۋە نۇرغۇن ۋىدىيو، جەدۋەل، ماي بوياق رەسىم، ھەيكەل قاتارلىقلار ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەچچە مىليون گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ قورشاپ يوقىتىشىنى تارمار قىلىپ، سانسىزلىغان قىيىنچىلىق، خەتەرلەرنى يېڭىپ، دۇنياغا داڭقى كەتكەن 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملىغان شانلىق تارىخى ۋە باتۇرانە ھەرىكىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن شۇنداقلا «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش»تىن ئىبارەت دەۋر مەزمۇنى ئېچىپ بېرىلگەن.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى كۆردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر