باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەدە قۇرامىغا يەتمىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسەبىيلىشىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كەتتى

2016.09.27 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق بىلەن سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان ۋە شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا بولغاندىن كىيىن، مۇساپىرلار مەسىلىسى ياۋروپادا كىرىزىس پەيدا قىلىپ، مۇساپىرلارنىڭ يۆتكىلىشىنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى دۆلەتلەر تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ تەھدىتكە يولۇقتى. يېقىندا گېرمانىيەدە قۇرامىغا يەتمىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسەبىيلىشىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، گېرمانىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمىنى كۈچەيتىۋەتتى.

  20- سېنتەبىر، گېرمانىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى كوللوندا ئالاھىدە قىسىمنى ئىشقا سېلىپ، بو يىل 16 ياشقا كىرگەن سۇرىيەلىك بىر مۇساپىرنى تۇتتى. ئۇ يېقىنقى مەزگىلدە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە قىلغان، ھەمدە ئەسەبىيلىك خاھىشىنى ئىپادىلەپ، كەلگۈسىدە گېرمانىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلانغان دەپ گۇمان قىلىندى. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە تەۋەسىدە يېقىندا بارغانسېرى كۆپلىگەن ياش مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ مۇساپىر ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە مۇسۇلمان ياشلىرى چېگرا سىرتىدىكى ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ئايلانغان.

  گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،كوللون جىنايى ئىشلار ساقچىسىنىڭ مەسئۇلى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: بۇ 16 ياشقا كىرگەن گۇماندار بىلەن ئۇنىڭ دوستى توردا سۆزلەشكەندە، پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ گۇماندارىنىڭ چەتئەللەردىكى ئالاقىلەشكۈچىسى ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇنىڭ قىرغۇچى خاراكتېرلىك پارتلىتىش بۇيۇمىنى قانداق ياساشنى ئۆگىتىشكە ئائىت ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتايىن كونكرېت يول يوليورۇقىنى يوللىغان، بىراق پارتلىتىش پىلانىنى يولغا قويۇشدىكى نىشانى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

  ئۆتكەن ھەپتە، گېرمانىيە ساقچى تەرەپ چېلىسۋىك- خولۇستىن ئىشتاتىدا ئىسلام دۆلىتى لىنىيەسىدىن دەپ گۇمان قىلىنغان سۇرىيەلىك ئۇچ كىشىنى قولغا ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى قۇرال ئىشلىتىش ۋە پارتلاتقۇچ ئىشلىتىش جەھەتتە تەربىيەلەنگەن. بۇ يىل 7-ئايدا باۋارىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئىسلام دۆلىتىنىڭ گېرمانىيە تەۋەسىدىكى قوللىغۇچىلىرى پەيدا قىلغان.

  گېرمانىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە تەۋەسىدە قۇرامىغا يەتمىگەن مۇساپىلارنىڭ ئەسەبىيلىشىش، زوراۋانلىشىش خاھىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكتىن، ئەسەبىي بولغان ئىسلام دىنى كۈچلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى ئاسانلا پايدىلىنىپ كەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنىڭ سۇرىيە بىلەن ئىراقتىكى يادرولۇق رايونلىرىدا زەربىگە ئۇچراش بېسىمى بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكتىن، غەرب ئەللىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش خەۋپىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا.

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا مۇنداق دېدى: ئىسلام سالافى گۇرۇھىدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار مۇساپىرلار لاگېرىدا ئۆزىگە تاراتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. 2015- يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، ئۆزىگە تارتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى 340 قېتىمغا يەتكەن، بىراق بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇساپىرلار لاگېردا يۈز بەرگەن، سالافى ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى جەنىماز، يېمەكلىك ۋە پۇل تارقىتىش ئارقىلىق مۇساپىرلارنى ئۆزلىرىنىڭ گۇرۇھىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلغان. ئۇندىن باشقا سالافى گۇرۇھىدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار يەنە تور تاراتقۇلىرىدىن ۋە سۆزلىشىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ مۇساپىرلارنىڭ كاللىسىنى يۇيىدىغان تەربىيەلەرنى ئىلىپ بېرىپ ئۇلارنى ئەسەبىيلەشتۈرگەن، بۇنىڭدا قۇرامىغا يەتمىگەن مۇساپىرلار ناھايىتى ئاسانلا ئەسەبىي ئىدىيەنى قوبۇل قىلغان. گېرمانىيەدىكى سول قانات پارتىيە شۇنىڭ ئۈچۈن، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سالافى گۇرۇھىدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

  گېرمانىيە تەۋەسىدىكى ياش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسەبىيلىشىشى بىلەن، گېرمانىيەنىڭ ئامانلىقى كۈنسېرى تەھدىتكە ئۇچرىغان، بۇ مېركېل ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئىككى يىلدا يولغا قويغان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، گېرمانىيەگە كىرگەن زور تۈركۈم مۇسۇلمان مۇساپىرلار ئىچىدە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈدىغانلارنىڭ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن. بىراق دۇنيادا قۇرامىغا يەتمىگەن مۇسۇلمانلار بىر ناتونۇش مۇھىتقا يېتىپ كەلگەندە، يېڭى قاراش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ساقلانغانلىقى بولمايدۇ. سالافى ئەسەبىيلىرى بىلەن ئىسلام دۆلىتى غازاتچىلىرىنىڭ ئىدىيەسىمۇ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىدۇ.

  9-ئايدىن بۇيان، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل رەھبەرلىكىدىكى خىرېستىيان دېنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى ئىككى قېتىملىق مۇھىم يەرلىك سايلامدا مەغلۇپ بولدى. 9-ئاينىڭ 4-كۈنى گېرمانىيەنىڭ سىياسىي پايتەختى مىكلونبورۇك ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئوڭ قانات پارتىيە بولغان گېرمانىيە سايلام پارتىيەسىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئارقىدىن يەنە 18- سېنتەبىر بېرلىندىكى پارلامېنت سايلىمىدا %7 لىك قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشىپ، تارىخىدا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. كۆپلىگەن خىرېستىيان دېنى ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ ئەربابلىرى، مېركېل مۇساپىرلار سىياسىتىدە ھەددىدىن زىياندا كەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بېرى بولدى دەپ ھېسابلىدى. شۇڭا، مېركېل خىرېستىيان دىنى ئىتتىپاقىنىڭ بېرلىندىكى يەرلىك سايلىمىدا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئۇنى تىرىشىپ تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق بۇنى يىغىشتۇرۇش قىيىنغا توختاپ گېرمانىيە تەۋەسىدە يەنىلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە زور بېسىمغا يولۇقتى. گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ مېركېلنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىنى قوللاش قوللىماسلىقى گېرمانىيەدە كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامنىڭ نەتىجىسىگە باغلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر