باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى كىنو قويۇش قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى مەھەللىسىدىلا مول مەدەنىيەت ئۇزۇقىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى

2016.09.27 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى كەچ سائەت 6 يېرىمدا، سانجى شەھىرىنىڭ مياۋئېرگۇ يېزىسى ئىناقلىق 2 - كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قورۇسى ئىچىدە، چارۋىچىلار بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشۇپ، قازاقچە كىنو «ليۇ بوچېڭ» نى زوق - شوق بىلەن كۆردى. چارۋىچى گۈلجەننەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇنداق ھەقسىز كىنو كۆرۈش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز ئىدى. ھازىر كۆرمەكچى بولغان كىنولارنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق. مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىز بېيىدى، بۇنىڭدىن قەلبىمىز چەكسىز شادلاندى.

  مياۋئېرگۇ يېزىسىنىڭ ئىناقلىق 2 - كەنتى - 2013 - يىلى چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرغان يېڭى كەنت بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە 670 ئائىلىلىك چارۋىچى بار. بۇ يىل 8- ئاينىڭ 28- كۈنى، سانجى شەھىرى ئىناقلىق 2 - كەنتىدە شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قازاق چارۋىچىلار رەقەملىك كىنوخانىسى قۇردى. شەھەرلىك كىنو باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھەر ئايدا بۇ يەردە ئىككى قېتىم يېڭى كىنو قويىدۇ. سانجى ئوبلاستلىق كىنو فىلىم تارقىتىش - قويۇش باش پونكىتى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنجى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئوبلاستىمىز يېزىلىرىدا بىر كەنتتە ئايدا بىر مەيدان كىنو قويۇش ۋەزىپىسىنى نۇرمىدىن 10 پىرسەنت ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق.

  «12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدا جەمئىي 300 مىڭ 873 مەيدان كىنو قويۇلۇپ، ۋەزىپە 79 مىڭ 685 مەيدان ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، تاماشىبىنلار جەمئىي 91 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 12 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە يېزا رەقەملىك كىنو شىركىتى قۇرۇلدى، كىنو قويۇش ئەترىتى 571 گە يەتتى، 767 يۈرۈش كۆچمە رەقەملىك كىنو قويۇش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈپ قويۇش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يېزا كىنو تارقىتىش - قويۇش باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىم ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز تولۇقلىما مەبلىغىنى كۆپەيتىپ، كىنو قويۇش مەيدان - قېتىم سانىنى كۆپەيتكەندىن باشقا، يەنە كىنو قويۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا كۆپرەك تەرجىمە فىلىملىرىنى قويۇپ بېرىمىز؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆلچەملەشكەن كىنو قويۇش چارىسىنى يولغا قويۇپ، كىنو قويغۇچىلارنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە - بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، كىنو قويۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز. يەنە بىرى، بىز بەزى جايلارنىڭ ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى كېڭەيتىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، زال ئىچىدە كىنو قويۇشنى كېڭەيتىمىز. 13 ـ بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى ئاممىغا تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر