خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇۋويۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 24-سېتەبىر چۈشتىن كېيىن ھاۋانا ئىنقىلابىي سارىيىدا كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى رائۇل كاسترو بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەئىس رائۇل كاستروغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان 56 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئېلىمىز جۇڭگو-كۇبا دوستلۇق فاڭجېنىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، كۇبانىڭ سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى قوللايدۇ، جۇڭگو-كۇبانىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو كۇبا بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام باردى-كەلدىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كبچەيتىپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى