- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قوغۇشۇن-سىنك كېنى بايقالدى
ئۇنىڭ بايلىق زاپىسى 19 مىليون توننىغا يېقىنلىشىدۇ
2016.09.26 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گىئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالتە يىللىق قېدىرىپ تەكشۈرۈپ باھالىشى ئارقىلىق، شىنجاڭ گىئولوگىيە كانچىلىق ئىدارىسى 25- سېنتەبىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىكى بىر جايدا زاپىسى 19 مىليون توننىغا يېقىن بولغان دۇنياۋىي چوڭ تىپتىكى قوغۇشۇن-سىنك كېنى بايقالغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەم نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى زاپىسى ئەڭ چوڭ قوغۇشۇن-سىنك كېنى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قوغۇشۇن-سىنك كېنىنى ئەڭ بۇرۇن شىنجاڭ گىئولوگىيە-كانچىلىق ئىدارىسىنىڭ 8- گىئولوگىيە چوڭ ئەترىتى 2011- يىلى خوتەن ناھىيەسى ئىچىدىكى قاراقۇرۇم تېغى باغرىدا بايقىغان. مەزكۇر كان رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5500 مېتىردىن يۇقىرى ئادەمسىز ئېگىزلىك رايون بولۇپ، كۆلىمى 6.6 كۋادرات كېلومېتىر كېلىدىكەن. كان گەۋدىسىنىڭ قېلىنلىقى چوڭ، كۆمۈلۈشى نېپىز، دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. كاننىڭ بايلىق زاپىسى 18 مىليون 946 مىڭ توننا ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت ئۈچۈن ئېچىشقا بولىدىغان زاپىسى 18 مىليون 873 مىڭ توننا بولۇپ، ئومۇمىي مىقتارنىڭ %99.6نى ئىگىلەيدىكەن.
قوغۇشۇن-سىنك بولسا، ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار، ماشىنىسازلىق، ھەربىي ئىشلار، مىتاللۇرگىيە، خېمىيە، يېنىك سانائەت ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق ساھالەردە كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، سىنك يادرو سانائىتى، نېفىت سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن. دۆلىتىمىزدە 27 ئۆلكىدە قوغۇشۇن-سىنك بايقالغان، نۆۋەتتە ئاساسلىقى يۈننەن، گەنسۇ ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئالتە ئۆلكىگە ئاساسلىق مەركەزلەشكەن بولۇپ، شىنجاڭ بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر