باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردا ماشىنا چاقىرىش ھەققىدە تورداشلارنىڭ جىددى ئاگاھلاندۇرۇش گۈدۈكى

ئالدامچى يۇمتالدىن ئاگاھ بولۇڭ! توردا ماشىنا چاقىرىشنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش گۈدۈكى چېلىنماقتا

2016.09.26 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بېرى، مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلاردا 30 مىڭدىن ئارتۇق شوپۇر توردا ماشىنا چاقىرىشتىكى ئالدامچىلىق قىلىش يۇمتالىنى سېتىۋالغان بولۇپ، كىراچىلار بۇ يۇمتالنىڭ توردا ماشىنا چاقىرىشنى باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ماشىنا ئەۋەتىش قائىدىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدىغان ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزى خالىغان زاكازچىلارنى تاللىيالايدىكەن، يەنە تېخى تاكسىمېتىرنىڭ كېلومېتىر سانىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، خېرىدارلاردىن جىق پۇل ئۈندۈرىۋالالايدىكەن. يېقىندا، بۇ يۇمتالنى ياساپ ساتقان جىنايەت شايكىلىرى بىتچىت قىلىنىپ، بەش نەپەر جىنايەت شايكىسى قولغا ئېلىندى.

  بەزى تورداشلار توردا چاقىرىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ «قارا تاكسى»غا ئايلىنىپ قېلىش خەۋىپىدىن ئەنسىرەپ ئۇھسىنماقتا. تورداشلار مۇنداق دەپ قارىماقتا: توردا چاقىرىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ قىسمەن شوپۇرلىرى مەزكۇر ئالدامچىلىق دېتالىنى ئىشلىتىپ، يولۇچىلارغا، ھەمدە توردا ماشىنا چاقىرىش شىركەتلىرى ۋە كەسپنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەكتە. توردا ماشىنا چاقىرىشنى باشقۇرۇش شىركەتلىرى ۋاقتىدا ياماق ھازىرلاپ، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش يوچۇقلىرىنى دەرھال ئىتىشى، مۇناسىۋەتلىك فۇنكىسسىيەلىك تارماق ئورگانلارمۇ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر